تەشكىلاتىمىزغا قوشۇلماقچى بولسىڭىز

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تىل تاللاڭ

ئىئانە ۋە ئەزالىق

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى

ي . ش . ت . مائارىپ جەمئىيىتى ياشلار شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئىززەت-ھۆرمەت يولى» تەربىيەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ي . ش . ت . مائارىپ جەمئىيىتى ياشلار شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئىززەت-ھۆرمەت يولى» تەربىيەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

14-فېۋرال زېيستتىكى مەركىزىمىزدە   ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ياشلار شۆبىسى تەرىپىدىن  ئۇيۇشتۇرۇلغان “Path to Dignity” «ئىززەت-ھۆرمەت يولى» پروگراممىسى زور مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. 

 ئىككى كۈن  داۋاملاشقان بۇ ئالاھىدە  تەربىيەلەش جەمئىيىتىمىزگە نىسبەتەن   شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقئارا قانۇن ۋە دىپلوماتىيەسىگە ماسلاشتۇرۇش  يولىدىكى غايەت زور بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. 

ۋەقپىمىز ساھىبخانلىق قىلغان بۇ مۇھىم يىغىندا، شەرقى تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى  ئابدۇرېشىد ئېمىنھاجى، غەززەلىك ژۇرنالىست مەنسۇر شومان، دەۋانىڭ دۇنياۋى  ئىستراتېگىيىلىك تەھلىلى جەھەتتىن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان سىياسىي ئانالىزچى سامى ھەمدى، تارىخچى نادىم داۋۇد ۋە ئادۋوكات ھارۇن رازا قاتارلىق مېھانلىرىمىز ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن دەۋانىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى  يېڭى يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى.

 قاتناشقۇچىلىرىمىز ب د ت ئىشخانىلىرىغا دوكلات بېرىش، ئىستراتېگىيىلىك لوبىچىلىق ۋە قانۇنىي قائىدىلەر دائىرىسىدە تەشۋىقات قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەققىنى قوغداش  قاتارلىق  تەرەپلەردە  كەسپىي ماھارەتلەرگە  ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  بۇ دەۋانىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدىكى  مەلۇماتلارنى مۇتەخەسسىسلەردىن ئاڭلاش  پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

«ئىززەت-ھۆرمەت  يولى» پەقەت تەربىيەلەش پروگراممىسى بولۇپلا قالماي،  ئىززەت-ھۆرمەت ۋە شەخسىيەتنى مەركەز قىلغان  ئىنسانىي  ھوقۇقنى تەلەپ قىلىش يولىدىكى بىر تامچە سۈپىتىدە قەلەمگە ئېلىندى. 

 بۇ قىممەتلىك يىغىن ھەقلىق بىر دەۋاغا كەسپىي سالاھىيەت، قەتئىي ئىرادە ۋە توغرا بىر تىل بىلەن ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

 

ئىزدەش

يېقىنقى يازمىلار

يېقىنقى يازمىلار تېپىلمىدى.

سەھىپىلەر

  • ھېچقانداق تۈر تېپىلمىدى.

تېخىمۇ كۆپ بىلوگ

مائارىپ جەمئىيىتى ۋەكىللىرى دەنھاختا دىيانەت مەسلىھەتچىسى دوكتور ئۆمەر ئۆزگۈل بىلەن كۆرۈشتى

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى دەنھاختا دىيانەت ۋەقپى دىنىي ئىشلار …

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر يەرمەنكىسىگە تەكلىپ

ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر يەرمەنكىسىگە تەكلىپ!ئەزىز قېرىنداشلار ۋە دوستلار،مەدەنىيەت مىراسىمىزنى قوغداش ۋە ئ…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ئاياللارنىڭ ناشتىلىق يىغىلىشى ۋە مۆھتەرەم ئۇستازلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قىزغىن ئۇچرىشىش

25-يانۋار، يەكشەنبە كۈنى، بىز ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىككى خىل پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق. تۇنجى پائال…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ