//ئۇقتۇرۇش

ئۇقتۇرۇش

نامايىش ئۇقتۇرۇشى:

ئۇقتۇرۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: قەدىرلىك ۋەتەنداشلار!
10ئاينىڭ01 -كۈنى ، خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىغىنىڭ 71 يىللىغىنى كەڭ خەلىققە ئاڭلىتىش ئۈچۈن نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلدى. ھەممىڭلارنى بۇ پۇرسەتتە ۋەتەندىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن نامايىشقا قاتنشىشىڭلارنى سورايمىز.

ھازىرقى خىتتاي ۋىروسى قايتا ئەۋىج ئىلىۋاتقان پەيتتە ھەممىمىز كىسەلگە قارىتا چىقىۋاتقان ھەرقايسى قانۇنلارغا بويسۇنۇپ 1.5مېتىر ئارىلىق ساقلاپ، ماسكا تاقاپ، قول بېرىشىپ كۆرۈشمەي قوللىرىمىزدا كۆك بايراق، ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىشقا دائىر رەسىملىك تاختا، لوزۇنكىلار بىلەن نامايىشنى تەرتىپلىك تۈگۈتىشىمىزنى سورايمىز.

نامايىش ۋاقتى: 2020-10-01 كۇنى سائەت 16:00 دە .
نامايىش ئورنى :ئامىستىردام (Museumplein )

ھۆرمەت بىلەن گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى