//تۆھپىكار ۋەتەن ئۆلىمالىرى

تۆھپىكار ۋەتەن ئۆلىمالىرى

تۆھپىكار ۋەتەن ئۆلىمالىرى
)بېشارەت ماقالىلىرىدىن(
ئى مۆمىنلەر! الله قا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە
ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشى پ قالساڭلار، بۇ
توغرىدا لله قا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ )يەنى لله نىڭ كىتابىغ ا
ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش( سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر،
نەتىجە ئېتىبار ى بىلەن گۈزەلدۇر ]نىسا سۈرىسى: 59 .]
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ
چىققاندىن كېيىن ئەركىن دۇنيادا تۈرلۈك ئەقىدە- ئېتىقاد، كۆزقاراش ۋە پىكرى
ھۇجۇملارنىڭ نەتىجىسىدە، شۇنداقلا دىنىمىزغا يەتكەن زەربە ۋە
مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر مۇسىبەتلەرنىڭ سەلبى تەسىرىدە
چەتئەلدە بارماق بىلەن سانىغۇچىلىك دەرىجىدىكى ئۇرۇقلۇق بولۇپ قالغان
تەۋەرۈك ئالىم -ئۆلىما، داموللا – خەلپەت ھاجىملىرىمىزنى قانداقتۇر مەسخىرە
ۋەتەندىن چىققان موللىلار، ۋەتەن مەدرىسىلىرىدە ئوقۇغان « قىلغاندەك
ئۇنداق – مۇنداق دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن غەرەزلىك قامچىلاپ، » ئاخۇنۇملار
ئۇلارغا قارىتا سەلبىي پىكىرلەرنى ۋىرۇس كەبى تارقىتىپ يۈرمەكتە.
ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ۋەتەندە قالغان ئۆلىمالارنىڭ بىر قىسىملىرى ئۆلۈپ
كەتكەن ياكى قەستلەپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەن، يەنە بىر قىسىملىرى تۈرمە –
لاگىرلاردا دەھشەتلىك قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر مەزگىللەردە
ۋەتەن ئۆلىمالىرىدىن بىر قىسمى ئاللاھنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا
بولغان رەھمىتى بىلەن ھىجرەت زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار
خەلقنىڭ يېتەرلىك قوللىشىغا، ھىمايىسىگە ئېرىشىشنىڭ ئورنىغا ئەيىبلىنىش،
كۆزگە ئىلىنماسلىق، ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش، تۆھمەت، بۆھتان، ۋە ھاقارەت
ئوبىيكتىغا ئايلىنىپ قالماقتا .
2
بۇنىڭغا ئەگىشى پ، يېتىلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەردە ياكى يېشى چوڭ بولسىمۇ
نادان ئادەملەردە، ئۆلىمالارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە كەمسىتىش، ھەتتا
ھاقارەت تۈسى ئالغان يۈرەكنى ئېچىشتۇرغىدەك ئىبارىلەر بىمالال ھالدا ئېغىزدىن

  • ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە.
    تالىپلار قىممەتلىك دەرسلىرىگە قاتنىشىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش شەرىپىگە
    نائىل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇدەررىس ئۇستازلار بۈگۈنكى كۈندە بەزى
    كىشىلەر تەرىپىدىن تۆۋەن كۆرىلىدىغان، ھەتتا سالاممۇ قىلىنمايدىغان ھالغا
    كېلىپ قالدى.
    مۇھىم يىغىلىشلار، توي – تۆكۈنلەردە بەز ى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ھاڭۋېقىپ
    ئاڭلايدىغانلار بۇ مۆھتىرەم ئۇستازلارنىڭ قولىغا مىكروفوننى ئېلى پ، دۇنيا –
    ئاخىرەتلىك سائادەت ئېلىپ كېلىدىغان نەسىھەت دۇردانىلىرىنى ھەدىيە
    قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى . ھەتتا بەز ى رىياسەتچىلەرنىڭ
    گەپ قىلىپ بەرسىلە، ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ « تەۋەرۈك ئالىملىرىمىزغا
    دېگەندەك بىلجىرلاشلىرى كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ. » كەتمىسۇن
    بەزى سورۇنلاردا، توي – مەرىكىلەردە شېئىر – قوشاقلارغا، ناخشا – ئۇسۇللارغا
    يېتەرلىك ۋاقىت بار، ئەمما ئىككى ئېغىز تەبلىغقا ۋاقىت يوق، سۆزلىرى ناۋاتتەك
    ئۆلىمالار پىروگراممىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەن ئەھۋاللار كىشىلەرنىڭ ئۆز
    مىللى ئەنئەنىلىرىدىن، ئىسلامى مەدەنىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، غەرپ
    مەدەنىيىتىگە ئۆزىنى ئۇرىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە ئۆلىمالارنىڭ بۇ يولدا پۇتلىكاشاڭ
    بولماسلىقىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    ئەسلىدە، ۋەتەن ئۆلىمالىرى ھېچقانداق دىنغا ئىشەنمەيدىغان ھەم بار كۈچى
    بىلەن دىنغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان كوممۇنىست ئىستىلاسى ئاستىدا تۈرلۈك –
    تۈمەن زۇلۇملارنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا چەيلىنىپ، ئىزچىل دىنسىزلاشتۇرۇش
    ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان نەچچە ئون مىليۇنلىغان خەلقنىڭ دىنىنى، تىلىنى،
    ئۆرپ – ئادىتىنى، مەدەنىيىتىنى قوغداپ كەلگەن ھەم ساقلاپ قېلىشتا ئالاھىدە
    تۆھپىسى بار بولغان ئۆلمەس قەھرىمانلار ئىدى ئەمەسمۇ ؟
    3
    ئەسلىدە، ئۇلار ۋەتەندىكى ۋاقىتلىرىدا تەقۋالىقنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان
    ئىككى ئېغىز ۋەز – نەسىھىتىنى، تەسىرلىك تەبلىغ تەشۋىقاتىنى ئاڭلاپ قەلب
    تەشنالىقنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەر يېزا ئاتلاپ، ھەتتا شەھەر ئاتلاپ
    كېلىدىغان، بارغان سورۇنلىرىغا، خۇتبە ئوقۇغان مەسجىد – جامىلىرىگە كىشىلەر
    سەلدەك ئاقىدىغا ن ئۇيغۇر خەلقنىڭ كەم ئۇچرايدىغان غەمگۇزار ئىسلاھاتچىلىرى
    ئەمەسمىدى؟
    ئەسلىدە، ئۇلار پەتىۋا سوراپ كەلگەنلەر ياكى دەۋالىرىنىڭ ئىسلام ھۆكمى بويىچە
    بىر تەرەپ قىلىنىش ئۈمىدى بىلەن كەلگەنلەر دەرۋازىسى ئالدىدا خۇددى
    قاراۋۇللاردەك ئۆچرەت تۇرۇپ، كۈنلەپ ساقلاپ ئاران دېگەندە كۆرۈشۈش
    ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىنىدىن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلى پ قالىدىغان،
    پەخىرلىك ئالىم – ئۆلىمالىرىمىز، قازى – مۇپتىلىرىمىز ئەمەسمىدى؟
    ئەجىبا، ھەقىقى خۇشاللىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايۋاتقان، جامى –
    مەسجىدلەرگە، تەبلىغ سورۇنلىرىغا بارماي نەسىھەت ئاڭلىيالمايۋاتقان ياش –
    ئۆسمۈرلەرگە، ئاياللارغا ۋە توي قىلغان قىز – يىگىتكە قارىتا ئۆز نۆۋىتىدە
    قىممەتلىك نەسىھەتلەر بىلەن يول كۆرسىتىپ بېرىش ھەممە ئىشتىن مۇھىم
    ئەمەسمىدى؟
    ئەجىبا، بەزى نادىر، قىممەتلىك سورۇنلاردا دىنىمىزنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك
    ئۆلىمالىرىغا سۆز بېرىلمەسلىكى، ھەمدە ئىككى ئېغىز دىنى سۆزنىڭ
    تەبلىغ « بولۇنماسلىقى ھەتتا بەزى ئولتۇرۇشلاردا ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇپ
    مۇسۇلمان خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزگىرىپ قايسى » قىلىنمىسۇن دېيىشلىرى
    سەۋىيەگە بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ ؟
    ئۆلىمالارنى خارلىغانلىق ماھىيەتتە دىننى خارلىغانلىقتىن باشقا نەرسە
    ئەمەستۇر، چۈنكى دىن مۇسۇلمانلار ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار ئۆلىمالار ئارقىلىق
    ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تامامەن نامايان قىلىپ، ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئىزچىل
    داۋاملىشالايدۇ.
    4
    ۋەتەندە يېتىشكەن ئۆلىمالارنىڭ قىسمەن يېتەرسىزلىكلىرى بولسىمۇ، ئەمما
    ئۇلار دىننىڭ تىرىك كۆرۈنۈشلىرىدۇر، ئۇلار ئىسلامنىڭ شىر ئەزىمەتلىرىدۇر، ئۇلار
    شۇنچىۋالا تەھدىت ۋە قورقۇنچلارغا پەرۋا قىلماستىن جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ
    دەپ ئىلىم ئىشقىدا » بىسمىللاھ، يا ئاللاھ! ئۆزۈڭگە تەۋەككۈل قىلدىم « قويۇپ
    ئېچىرقاپ كەتكەن ئەۋلادلىرىمىزنى ئىلىم بۇلىقى بىلەن سۇغارغان مىسلى يوق
    مۇبارەك ئۇستازلاردۇر.
    ئۇلار كوممۇنىست ئاسارىتىدە نادانلىقتىن ئېڭراۋاتقان مىليونلىغان خەلقىمىزگە
    تۈرمە ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە بولىدىغان چىدىغۇسىز ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى كۆز ئالدىغا
    ئېلىپ قويۇپ، ئاللاھنىڭ دىنىنى ساغلام ھالەتتە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، كېچە –
    كۈندۈز، ھارماي – تالماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئۇلۇغ قەھرىمانلاردۇر.
    ئۇلار تەسىرلىك نۇتۇقلىرى، جانلىق دەۋەتلىرى ئارقىلىق يولدىن چىققان ياشلارنى
    ھىدايەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرغان، شەھەر – يېزىلاردىكى پۈتكۈل جامى –
    مەسجىدلەرنى ياشلار بىلەن تولدۇرغان، شۇنچىۋالا قىيىن شارائىتتىمۇ دىن
    ئۈچۈن مال – جېنىنى بېغىشلىيالايدىغان قورقماس، پىداكار ئەزىمەتلەرنى
    بارلىققا كەلتۈرگەن دەۋەت چەۋەندازلىرىدۇر.
    ئۇلار ھەرىكىتىگە، سۆزىگە ھەتتا قەلبىدىكى خىياللىرىغىمۇ چەكلىمىلەر
    قويۇلغان بولۇشىغا قارىماي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلدىن بۇيانقى
    ئەللىك يىللىق مۇستەبىت رېجىمى ئاستىدا ئىمان – ھىدايەتتىن، مائارى پ –
    سىياسەتتىن ۋە تۈرلۈك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنى پ، بىر پۈتۈن نادانلىق
    زۇلمەتلىرى ئاستىدا قالدۇرۇلغان، دىندىن ناھايىتى بەك ئۇزاقلىشىپ كەتكەن
    ئۇيغۇر خەلقىنى 1980 – يىللاردىن 2014 – يىللارغىچە بولغان ئوتتۇز نەچچە
    يىل جەريانىدا تاشقى جەھەتتىن ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشى ۋە تۇرمۇشتا
    تەتبىقلىنىشى جەھەتتە دۇنيادىكى مەككە – مەدىنە قاتارلىق ئالدىنقى ئورۇندا
    تۇرىدىغان شەھەرلەرنىڭ قاتارىغا تىزىلالىغۇدەك، مەنىۋى جەھەتتىن بولسا
    ئىماننىڭ چوڭقۇر سىڭىشى ۋە ئۆزلىشىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دۇنيا بويىچە
    ئالدىنقى قاتاردا تۇرالىغۇدەك بىر جەمئىيەت بەرپا قىلغان ئەڭ بۈيۈك، ھۆرمەتكە
    سازاۋەر، تۆھپىكار ئۇستازلاردۇر.
    5
    ئۇلار ئاشكارە دېيەلمىسە مەخپىي، سورۇندا دېيەلمىسە ئايرىم – ئايرىم
    بولسىمۇ، قۇرئان ھەقىقەتلىرىنى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن ھارماس دەۋەت
    تۇلپارلىرىدۇر.
    ئۇلار دىنغا ئىچ -ئىچىدىن كۆيىنىدىغان ، مەنپەئەتنى ئاساس ئەمەس بەلكى
    شەرىئەتنى، راھەتنى ئەمەس بەلكى تۈرمىنى كۆز ئالدىغا ئېلى پ قويۇپ، كېچە
    زۇلمەتلىرىدە، سەھەر قاراڭغۇلۇقلىرىدا شۇڭغۇپ يۈرۈپ، ئەۋلادلارنىڭ ئېغىزىغا
    ئىلىم – بىلىم سالغان، ئىمان – ئىسلام ئۆگەتكەن، ئەجرىنى ئاللاھتىن
    كۈتىدىغان، ھېچقانداق مائاش تەلەپ قىلمايدىغان، ناۋادا بىر ئادەم قولىدا
    ھىدايەت تېپىپ قالسا ئالەمچە خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ھەقىقىي ئىخلاسمەن،
    ئاللاھنىڭ ئەزىز بەندىلىرىدۇر.
    ئۇلار پەقەت كۆزىمىزگە بىزگە ئوخشاش ئىنسان كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈنلا ئاددىي
    كۆرۈنۈپ قالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئىچىدىكى تاللانغان
    دوستلىرى، ياخشى كۆرگەن ئەۋلىيالىرىدۇر 1 . )ئاستىغا قاراڭ (
    ئۇلار بۈگۈنكىدەك ئىلىمنىڭ شەكلىنىلا ئەمەس، بەلكى جەۋھىرىنى،
    نەزەرىيىسىنىلا ئەمەس بەلكى ئەمەلىيىتىنى، لەقۋالىقنى ئەمەس بەلكى
    تەقۋالىقنى ئوقۇغۇچىلارغا بەخش ئەتكەن دىننىڭ ئەڭ سادىق
    قوغدىغۇچىلىرىدۇر.
    ئۇلار بۈگۈنكى مەكتەپ – ئۇنىۋېرسىتىتلاردىكى قوڭغۇراق چېلىنغان ھامان
    دەرسنى كەلگەن يېرىدىن ئۈزۈپلا چىقىپ كېتىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىدە –
    ئەخلاقىغا ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ، ھەتتا بىر نەچچە يىل دەرس
    ئۆتۈپمۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان، ماشىنا ئادەمدەكلا دەرىسىنى
    سۆزلەپلا چىقىپ كېتىدىغان، مائاشتىن باشقا چوڭ غېمى بولمىغا ن ۋە
    ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلاردەك ئەمەس، بەلكى
    1 بۇ يەردىكى ئەۋلىيا ئۇقۇمى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى قانداقتۇر ئاجايىپ – غارائىپ كارامەتلەر ئىگىسى بولغان كىشىلەر ئەمەس،
    ھەر قانداق ئىمان ئېيتىپ تەۋادارلىق قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ « بەلكى تۆۋەندىكى قۇرئان ئايىتىنىڭ دەلالىتى بويىچە
    راستىنلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا )ئاخىرەتت ە ئاللاھنىڭ « . دېگەن كەڭ مەنىدىكى ئەۋلىيا ئۇقۇمى مەقسەت قىلىنغان » ئەۋلىيالىرىدۇر
    ئازابىدىن( قورقۇش )دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا( قايغۇرۇش يوقتۇر. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق
    يۇنۇس سۈرىسى : (.» قىلغانلاردۇر 62 )
    6
    ئوقۇغۇچىلىرىغا بارلىقىنى بېغىشلىغان، ئائىلە ئىشلىرى ۋە تۇرمۇش
    مەسىلىلىرىگىچە كۆڭۈل بۆلگەن، ئەقىدە، ئەخلاق، تەۋادارلىق سىڭدۈرۈپ
    ھەقىقى مۇسۇلمان نەسىل، ھەقىقى پىداكار ئۆلىما يېتىشتۈرۈشنى ئالى نىشانى
    قىلغان فەيسەل مۇكاپاتىغ ا 2 لايىق ئۇستازلاردۇر.
    ئۇلار دىنى ئىلىملەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە پىشقان، دەرس ئۆگىتىش
    جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرى پ، ئوقۇ –
    ئوقۇتۇش قايناملىرىدا پىشىپ يېتىلگەن ئالىي جاناب ئۇستازلاردۇر.
    شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالارغا ھۆرمەت قىلايلى. سەمىمىزدە بولسۇنكى،
    بۈگۈنكىدەك دىنى ئىلىم كەمسىتىلىۋاتقان، جەمئىيەتنىڭ پاساتچىلىقى
    تۈپەيلىدىن ئىلىمنىڭ بەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ، دىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئازايغان،
    ھىممەت كەمەرلىرى بوشاپ قالغان بىر زاماندا، بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىمدا پىشقان
    نۆۋەتتىكىدەك تەجرىبىلىك مۇدەررىسلەر، ئەل ئېتراپ قىلغان داموللام، خەلپەت
    ھاجىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئەپسۇس، بەكمۇ يىراقتا كۆرۈنىۋاتىدۇ.
    دېگەندەك، باشقىلارنىڭ » يىراقتىكى موللا داموللا ، يېقىندىكى موللا بار موللا «
    بەك چوڭ كۆرۈنۈپ كېتىپ، ئۇلارغا چۆمچىيىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىزنى
    كىچىك سانىمايلى . خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى قاندۇرۇشتا
    تەقۋالىقىنى ساقلاپ قېلىشتا، دىننىڭ چەك – چېگرالىرىنى قوغداشتا، خەلق
    ئارىسىغا چۆكۈپ خىزمەت قىلىشتا، ئىسلامى جامائەت بەرپا قىلىشتا ئۇلارنىڭ
    باشقىلاردا تېپىلمايدىغان پەۋقۇلئادە رولى بار. ئۇلاردىن ئايرىلغاندا ئۇلارنىڭ
    ئورنىنى باشقىلارنىڭ تولدۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز، ئەمما بەكمۇ
    كېچىكىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ھايات ۋاقتىدا قوللايلى، قەدىرلەيلى،
    ئۆزىمىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، باشقىلار ھەرگىز ئۇلارنى
    قەدىرلەپ بەرمەيدۇ.
    2 سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەيسەل 1977 – يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسلامى ئىلىم ۋە دىنى دەۋەت
    خىزمەتلىرىدە پەۋقۇلئادە نەتىجە يارتقان، ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن ئالىملارغا تەسىس قىلغان ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان
    ئالاھىدە يۇقىرى سوممىلىق خەلقئارالىق مۇكاپات .