//جىددى چاقىرىق

جىددى چاقىرىق

جىددى چاقىرىق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار!
داۋايىمىز دۇنياغا تۇنۇلۇپ ھەرقايسى ھۈكۈمەتلەر ئىشلىرىمىزنى كۈن تەرتىپكە ئېلىۋاتقان مۇھىم پەيىتتە ئۆزىمىزنىڭ خىتتاي زۇلۇمىغا بولغان نارازىلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىىپادىلەش بىلەن بىرگە ئىز -دېرىكىنى قىلالمايۋاتقان ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىشكە خىتتاي كونسۇلى ئالدىدا كۆك يۇلتوزلۇق بايرىقىمىزنى كۆزىگە تاقاپ تۇرۇپ خىتاي ھۈكۈمتىنى قىستاش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىتلىق نارازىلىق نامايىشغا رۇخسەت ئالدۇق.
نامايىش شەكلى يالغۇز كىشلىك بولۇپ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى ئادەم تۇرالايدۇ،ئورنى دەنھاخ خىتاي كونسۇلى ئالدىدا .ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:00-12:00گىچە .نامايىشقا ھەربىر ئۇيغۇر يالغۇز ھالدا تىزىملىتىشى كېرەك ئەمما يالغۇز تۇرۇشنى خالىمىسىڭىز يېقىنىڭىزدىن بىرسىنى ھەمرا قىلىۋالسىڭىز بۇلىدۇ.نامايىش 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 7- كۈنىدىن يىل ئاخىرغىچە ھەر ھەپتىدە بەش كۈن بۇلىدۇ .
بۇ نامايىشقا تىزىملىتىش گوللاندىيەدىكى مەن ئۇيغۇر دەپ باش ئۇرۇپ ئولتۇرما ئالغان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچى ،بۇ بۇرچنىڭ ھامان بىر كۈنى سورىقى بولىدىغانلىقى كۆڭلىمىزگە ئايان، شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ بۇ پائالىيەتنى نەتىجىلىك تۈگۈتۈشكە تىرشىشنى سورايمىز .
تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نومۇلار بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ،
ئۇبۇلقاسىم قارىم0634500475
ئابدۇسالام غېنى 0618435143
ئامىنە0641812555

ھۆرمەت بىلەن شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
2020.09.02