//رەسۇلىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىزىل سىزىقىمىزدۇر

رەسۇلىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىزىل سىزىقىمىزدۇر

پەيغەمبىرىمىزگە ھاقارەت قىلىش كەچۈرگۈسىز قاباھەتتۇر

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا تىل ئۇزارتىش، تىل-ھاقارەتلەرنى ياغدۇرۇش دىن دۈشمەنلىرىگە نىسبەتەن يىڭىلىق بولماستىن ئەسرى سائادەتتىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن جىنايەتتۇر.
كۈنىمىزدە فرانسىيەدە يۈز بەرگەن رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەجۋى رېسىملىرىنى تارقىتىش، بوينى ئۈزىۋېتىلگەن مۇئەللىمنىڭ قىلمىشى، ماكرۇننىڭ چىقىپ رەسۇلىمىزنىڭ ھەجۋى رېسىمىنى سىزىشنى داۋاملىق مۇداپە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، فرانسىيەدەك ئەركىنلىك، مەدەنىيەت دەۋاسى قىلىدىغان بىر دۆلەت ئۈچۈن كەچۈرگۈسىز قەبىھ جىنايەت ھېساپلىنىدۇ.
مۇقەددىس ئىسلامنىڭ شەرتلىرىدىن بولغان ئىماننىڭ بىر شەرتى ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئۇلارنى چىن قەلبىمىزدىن ياخشى كۆرۈش ئىمانىمىزنىڭ شەرتىدۇر.
ئىسا، مۇسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش ئىمانىمىزنىڭ تەقەززاسىدۇر.
ئەھۋال بۇنداق ئىكەن سۈيۈملۈك پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغانلىق مۇسۇلمان بولسا ئىماندىن چىققانلىك، خىرىستىيان، يەھۇدى بولۇپ قالسا دىنسىز كاپىر بولغانلىقتۇر.
دۇنيادا مىليۇنلارچە ئىنسانلارنىڭ قانلىرىنى تۆكۈشتە رىكورت ياراتقانلار ئىچىدە خىرىستىيان، يەھۇدلار ئالدىنقاتاردا تۇرىدۇ.
فرانسىيەدە بىر مۇئەللىمنىڭ بوينىنى ئۈزىۋاتقان ياشنىڭ قىلغان ئىشى توغرا دىيەلمەيمىز، ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ دىنى، شەرىپى بىلەن ئويناشقانلار ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشقانلىق ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسلەتمەي تۇرالمايمىز. دۇنيادا ئىككى مىليارتتىن كۆپ ئىنسانلار ئىتىقاد قىلىۋاتقان بىر مۇقەددەس دىنغا ھاقارەت قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھېچ قىممىتى يوق. شۇلار ئەلۋەتتە مەن ھاقارەت قىلىۋاتقان دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مەندىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەقەللىي ھېساۋاتنىمۇ بىلىشى كېرەك، بىلمەيدىغان بولسا دۆت ئىنسانلار بولىدۇ.
تارىختىن بىرى ئىنسانلار ئارا قانلىق جەڭلەر نىڭ ئاساسلىقى دىنىي جەڭلەر بولۇپ، خىرىستىيانلار دىنىنى يېيىش، مۇداپىئە قىلىش يولىدا ئەڭ كۆپ قان تۆككەنلەر دېسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.
مۇسۇلمانلارمۇ دىنىنى مۇداپىئە قىلىش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تارىختىن بىرى قورالدىن ۋاز كەچمىگەن.
دىندا زورلاش يوق، دىننى مۇداپىئە قىلىش بار، زۇلۇم قىلىش يوق، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش بار.
دىنغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلار خىتاي بولسۇن، ئۇيغۇر بولسۇن، ئەرەب- ئەجەم بولسۇن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ دۈشمىنىدۇر.
ھەربىر دىن ئىگىسىنىڭ ئۆز دىنىنى مۇداپىئەقىلىش ھەققى بولغاندەك مۇسۇلماننىڭمۇ دىنىنى مۇداپىئەقىلىش ھەققى بولىدۇ ئەلۋەتتە.
بۈگۈن دىنغا دۈشمەنلىك قىلىشتا ئەڭ ئەشەددى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان دۆلەت خىتايدۇر. خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا دۇنيا خەلقىنىڭ سۈكۈت قىلىشىمۇ كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر.
دىنىنى مۇداپىئە قىلغانلار خاتالاشقان بولسا، ئۇنىڭ بەدىلىنىمۇ ئۆتىشى، ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى بويىچە جازالىنىشى نورمال بىر ئىشتۇر.

رەسۇلىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىزىل سىزىقىمىزدۇر!!!

بىلال ئەزيزى

Click Here: To see various types of exercises bodybuilding for the legs. Orthopedic Surgery and Sports Traumatology. Fibrilar break. cialis malaysia The typical history of sudden pain pull followed by impotence to continue exercise reduces the diagnosis to two injuries almost exclusively: — Muscle rupture — Tendon rupture much more severe.