//كەلگۈسىمىزنى قوغدايلى!
كەلگۈسىمىزنى قوغدايلى!

كەلگۈسىمىزنى قوغدايلى!

كەلگۈسىمىزنى قوغدايلى!
بىر مىللەتنىڭ ياشلىرى شۇ مىللەتنىڭ كېلەچىكىدۇر،ۋەئۇ مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى ياراتقۇچىلاردۇر، مىللەتنىڭ كۈچلۈك،ياكى ئاجىزلىقى،كېلەچەكىنىڭ پارلاق،ياكى يوقىلىشقا مەھكۇملىقى شۇ مىللەتنىڭ ياشلىرىنىڭ خاراكتېرىنىڭ ساغلام، ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بۇلىشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. مىللەتنىڭ 20 يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولغان كىشى شۇ مىللەتنىڭ بۈگۈنكى پەرزەنتلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا، قانداق تەربىيە بېرىۋاتقانلىقىغا، ئۇلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلگىنىگە قاراپ ھۆكۈم چىقىرالايدۇ، چۈنكى بۈگۈنكى كىچىك-بالىلار، ۋە ياشلار 10-15 يىلدىن كىيىن مىللەتنىڭ دەل ئۆزى بولىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى 100يىلدىن بىرى ۋەھشى، ھىلىگەر ،رەھىمسىز بىر دۈشمەن بىلەن تۈرلۈك مەيدانلاردا كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە، ۋە كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەيدانلارنىڭ بىرى دەل ئەۋلاد تەربىيىسى، ۋە ياراملىق ياشلارنى يىتىشتۈرۈش مەيدانىدۇر، دۈشمەنلەر ۋەتەننىڭ ئىچىدىكى مەيداندا مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپلا قالماستىن چەتئەلدىكى مۇھاجىرلارنىڭ ئەۋلاتلىرىغىمۇ كۆز تىكمەكتە،بۇنى مىللىتىنى ئەرزىمەس دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ساتىدىغان تەبىئىتى بۇزۇق سېتىلما خائىنلار ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقارماقتا. يېقىندىن بىرى ئازغىنا بىر تۈركۈم ياشلىرىمىزنىڭ خاتا يوللارغا كىرىپ قالغانلىقى، ۋە بىر قىسىم يولسىز ئىشلار بىلەن ئۆزىنى نابۇت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا، يېشىنىڭ كىچىكلىكى، دۈشمەن قوللىرىنىڭ رەھىمسىزلىكىگە،مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ياشايدىغان ھايۋان پەرەسلەرنىڭ ئالدىشى نەتىجىسىدە جىنايەت پاتقىقىغا پېتىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە، بۇئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋە ئۇ ياشلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر ساھە كىشىلىرى جىددى ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولسىمۇ مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئاسان بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىسناسىز،تەخىرسىز ھالدا پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى چۈشمەكتە،چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىز، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئامانىتى. ئۇلارنىڭ كىملىكىنى، قايسى يۇرىتتىن ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەسلىكىمىز ئاللاھ ئالدىدا، كىيىن مىللەت ئالدىدا مەسئۇلىيتىمىزنىڭ يوقلىقىغا، دالالەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلىقىنى، مۇسۇلماننىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى يۇرتىنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمىز.
ئۇلارنى قانداق قۇتۇلدۇرىمىز؟
ئەنەس ئىبنى مالىك (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى سەھرالىق بىر كىشى كېلىپ مەسچىتكە كىردى،ۋە مەسچىتنىڭ بىر تەرىپىگە بېرىپ كىچىك تاھارەت قىلىشقا باشلىدى، بۇنى كۆرگەن ساھابىلار ئۇ كىشىنى قاتتىق سۆز،قوپال مۇئامىلە،ئېغىرگەپلەر بىلەن توسماقچى بولۇشتى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام توسماقچى بولغان كىشىلەرنى گەپ قىلماڭلار، ئارلاشماڭلار تاھارىتىنى تۇلۇق ئادا قىلىۋالسۇن دېدى، ئۇ كىشى تاھارىتىنى ئادا قىلىپ بولۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ تاھارەت قىلىپ قويغان يېرىگە بىرچېلەك سۇ قويۇۋېتىڭلار دېدى، ساھابىلار سۇنى ئەكىلىپ تاھارەت قىلغان يەرنىڭ ئۈستىگە تۆكۈۋەتتى. بۇخارى مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.
يەنە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭغا (يەنى ئەشەددىي زالىم پىرئەۋىنغا)يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز – نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى، ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىنتاھا سۈرىسى 44-ئايەت.
يۇقىرىدىكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى، رەسۇلۇللانىڭ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتى ئازغان، توغرا يولدىن چىققان، خاتا ئىشلارنى قىلغان، يامان يولغا كىرىپ كەتكەن كىشىلەرنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ يولى، ئۇسۇلى، ھەمدە چارىسىنى تۇلۇق كۆرسىتىپ بىرىدۇ،ۋ بۇ ھەدىس ئىسلاھات يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ، ئايەتنىڭ روھى، ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئازغانلارنى ئىسلاھ قىلايلى،خاتا يولغا مېڭىپ قالغان ياشلارنى قۇتۇلدۇرىۋالايلى دېسەك تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك.
1-ئۇلارغا قۇچاق ئېچىپ مېھرى-مۇھەببەت بېرەيلى ئارىمىزغا ئالايلى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان يېتىملىقىنى، يالغۇز غېرىبلىقىنى ھېس قىلدۇرمايلى.
2-سەن ئۇنداقچى ياكى مۇنداقچى دەپ تىللاپ ھاقارەت قىلىدىغان، ياكى ئۆيدىن، سورۇنىمىزدىن، ئارىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان ئىشلارنى قىلماستىن، گەپ-سۆزدە چىرايلىق، مۇئامىلىدە ياخشى، نەسىھەتتە سېلىق-سىپايە، مېھرىبان بۇلايلى!چۈنكى ئارىمىزدىن ،ئۆيىمىزدىن قوغلىغانلىق، ھالاكەتكە،گۇمرانلىققا ئىتتىرگەنلىكتۇر دۈشمەننىڭ رەزىل سۈيقەستلىرى ئالدىدا مەغلۇپ بولغانلىقتۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ:“كىمكى جامائەتتىن، توپتىن ئايرىلسا جەھەننەمگە ئايرىلىدۇ،“تىرمىزى رىۋايىتى يەنە بىزدە مۇشۇ ھەدىسكە مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشايدىغان بىر ماقال-تەمسىل بار( توپتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەيدۇ دەيدىغان) شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىمىزنى بۆرىگە، يات قولغا تاشلاپ بەرمەيلى!
3-ئۇلارنىڭ يېشىغا، قىزىقىشىغا،ھەۋىسىگە لايىق شەكىلدە تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنايلى، ئۇلار ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتايلى، يېقىنغا، دوستىغا ئايلىنايلى،
4- تەربىيە ئۇسۇلىدا تەدرىجى ئۆزگەرتىش،جەلىپ قىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتىش، قەلبىنى مايىل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ئىقتىسادى ياردەم بېرىش يولى بىلەن قېشىمغا سېپىمىزگە قېتىش، چۈنكى بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبىرىمىز قوللانغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋاستىدۇر.
5- گەپ ئاڭلىمايدۇ، نەسىھەت قوبۇل قىلمايدۇ، دېگەننى باھانە قىلىپ تاشلىۋېتىش ، ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىش، كارى بولماسلىق ئوڭشاشنىڭ ئۇسۇلى ئەمەس، چۈنكى ئۆمەرنىڭ ئېشىكى مۇسۇلمان بولسىمۇ ئۆمەر مۇسۇلمان بولمايدۇ دەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلىغان پەيغەمبىرىمىز ۋاز كەچمىدى، تاشلىۋەتمىدى.
6- ئۇقۇش يېشىدىكى ياشلارنى مەكتەپكە، مەدرىسىگە بىرش ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇشىغا ياردەم قىلىش ، پۈتۈن قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئۇلارنى ئۇيغۇر بىناسىنىڭ بىر خىشى، ئۇممەت قورۇلۇشىنىڭ بىر تۈۋرۈكى دەپ چۈشىنىش كېرەك.
7-ئەۋلادلارنىڭ ھەققىدە كۆپ دۇئا قىلىش، ئۇلار ئۈچۈن دۇنيا،ۋەئاخىرەتلىك ياخشىلىق تىلەش،ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى بايان مۇنداق دەيدۇ: پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەنبۇ ئايەت بىزلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەۋلادلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ،چۈنكى تەۋپىق، ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.
8- ئەڭ مۇھىمى ئاتا-ئانىلار ئەۋلادلارغا ياخشى ئۆلگە، گۈزەل نەمۇنە بولىشى كېرەك چۈنكى بالىلارنىڭ بىرىنجى ئۇستازى ئاتائانىسىدۇر بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: (ھەر قانداق بالا ساغلام پىترەت ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ، كىيىن ئاتا ئانىسى ئۇ بالىنى يەھۇدى، ياكى خرىستىئان، ياكى ئاتەش بەرەس قىلىپ چىقىدۇ، خۇددى چارۋىنىڭ بالىسى توغىلىشىدا ساق تۇغۇلۇپ كىيىن ئەيىپلىك قىلىنغىنىغا ئوخشاش،)بۇخارى رىۋايىتى.
دېمەك بالىدىكى ئىش-ھەركەت، ۋە مەنىۋى ئۆزگىرىشلەرنىڭ باش سەۋەبچىسى ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىنى بۇ ھەدىس بىزگە ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ، شۇ نىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ھەربىر ئىش ھەرىكىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك،ياخشى، ياراملىق ئەۋلاد بولۇشنى بالىلاردىن تەلەپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزگە شۇنداق ئۆلچەمنى ئەمەلىيلەشتۈرەيلى، چۈنكى ياشلار دېگەننى ئەمەس، قىلغاننى ئۆرنەك قىلىپ ياشايدۇ.
ئەجرى ئالاي، ساۋاپقا ئىرىشەي، ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ياخشىلىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قاتاي دىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ!!!
‏ 2020‏-يىل 31‏-ئاۋغۇست،تۈن نىسپى.
ئابدۇ قەييۇم قۇددۇس.