//ھىيىتلىق پائالىيەتلەر

ھىيىتلىق پائالىيەتلەر


ھىيىتلىق پائالىيەتلەر ئۇتۇقلۇق تاماملاندى

ھىيىتلىق پائالىيەتلەر ئۇتۇقلۇق تاماملاندى

ھىيىتلىق پائالىيەتلەر ئۇتۇقلۇق تاماملاندى

گوللاندىيەدە 2018- 15- ئىيۇن جۈمە كۈنىدە جەمىيىتىمىزدە روزا ھىيىت نامىزى ئوقۇدى. 16- ئىيۇن، جەمىيىتىمىز ئالدىدىكى مەيداندا ھىيىتلىق تەبرىك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، يىراق – يىقىندىن كەلگەن ئەل- جامائەت جەم بولۇپ ئەسرارلاشتى. ئوخشىغان پولو ۋە مىزىلىك كاۋاپلار ، مول مىۋە- چىۋە، نازۇ- نىمەتلەر داستىخانغا تىزىلدى. تاماقتىن كىيىن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ۋە پىدائىي ئوقۇتقۇچىلار تەقدىرلەندى، ھېيىتلىق پائالىيەتكە كەلگەن بارلىق بالىلارغا ھىيىتلىق تارقىتىلدى. زىھىن سىناش، ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى. يىگىتلەر بىر پەدە ساما ئۇسۇلىغا چۈشۈپ، ھېيىت تەنتەنىسى قىلىندى. ۋەتەن- خەلق ئىشقىدا بىنەۋا كۆڭۈللەر ھېيىت خۇشاللىقىدا ئەسرارلىشىپ، ھجران پىراقلىرى بىر مەھەل شىپا تاپتى. جەمىيىتىمىز ھېيىتلىق پائالىيەتكە كەلگەن مىھمانلارغا، جۈملىدىن پائالىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بارلىق قىرىنداشلارغا ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ! ھۆرمەت بىلەن: ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى 2018- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى