/ھەققىمىزدە

ھەققىمىزدە

اۋروپا-شەرقى-تۈركىستان-مائارىپ-جەمئىيىتى

ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى ھەققىدە :

  • ياۋروپا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ جەمئىيىتى 2009 ‏- يىلى 9 – ئايدا گوللاندىيەنىڭ ئۇترىخت شەھرىدە « ياۋروپا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ جەمئىيىتى» دېگەن ئىسىم ئاستىدا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇنلۇق ھالدا رەسمىي  قۇرۇلدى.
  • جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى:

 خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان 1949- يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە خەلقىمىزنى باش كۆتەرتمەي زۇلۇم قىلىپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.  نۇرغۇن ئۆلىمالىرىمىز، زىيالى لىرىمىز نى يوقاتتى ۋە تۈرمىگە قامىدى. تارىخى ئەسەرلىرىمىزنى كۆيدۈردى. مەدەنىيەتلىرىمىز يوق قىلدى. نۇرغۇنلىغان مەسچىد ۋە  مەدرىىسلىرىمىزنى  چېقىۋەتتى. مەجبۇرىي پىلانلىق توغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈپ دۇنياغا تېخى كۆز ئاچمىغان نۇرغۇن بۇۋاقلىرىمىزنى ئانىنىڭ قارنىدا ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي كۆچمەنلەرنى ۋەتىنىمىزگە كۆپلەپ يەرلەشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركسىتاندا نوپۇسىمىزنى ئازلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئورنىۋاتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ مال – مۈلكى، يەر- ماكانلىرىنى تارتىۋالدى. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ سىياسي، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائي ۋە مىللىي ھەق-ھۇقۇقلىرى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا.

 تاجاۋۇزچى خىتايلار- شەرقى تۈركىستان نىڭ تارىخى ئىگىلىرى بولغان -خەلقىمىزنى پۈتۈنلەي ئاسىمىلىياتىسيە قىلش ۋە يوق قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىش، ئەركىنلىكىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش، ئانا تىلىمىزنى قوغداش، مىللىي مائارىپىمىز بويىچە تەلىم ئېلىش، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش خىزمىتى، خەلقىمىزنىڭ غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغىنىشىنى تەقەززا قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن شانلىق  مۇسۇلمان ئەجدادىمىزغا ۋارىسلىق قىلغان، ئۇيۇشۇش، ئىتتىپاقلىشىش،  ئاساستا بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ قارايدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان، دىنىي، مىللىى، ئىمانىي ۋە ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتى بولۇپ قالدى. بۇ مەجبۇرىيەتنى ھەممىمىز جەم بولۇپ بىرلىكتە ئادا قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ جەمئىيىتى قۇرۇلدى.

  • جەمئىيەتنىڭ نامى:

ياۋروپا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ جەمئىيىتى

 Stichting Europa Oost-Turkestan Educatie Centrum    

  • جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى پىلانى:

  1- ئىشغالىيەتتە قالغان شەرقىي تۈركىستانىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى يولىدا  ۋەتەننىڭ ئەمەلى شەرت ‏-  شارائىتى ۋە ۋەزىيىتىگە ،ۋە خەلقارا سىياسىتىگە قاراپ پائالىيەت قىلىش.

        2-  خەلقىمىزنىڭ ۋەتەن ‏- مىللەت ئاڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، دۇنيا قارىشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن دەۋەت – تەشۋىقات خىزمىتى ئېلىپ بېرىش.

 3- مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا بىرلىك ئىتتىپاقلىق روھىنى كۈچەيتىش، ئىناق ‏- ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدىغان خىزمەت پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش،

ۋەتەن ‏- خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بولغان ياشلار بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش  ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش.

 4- خەلقىمىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئۆزگىچىلىكىنى، تىل، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئىشلەش.

  5-خەلقىمىزنى توغرا پىكىر، كۆزقاراش بىلەن يېتەكلەش، ھەققانىيەتكە ئۈندەش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، بۇ يولغا بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىش.

  6- تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ۋەتەن خەلقىمىزگە ئالاقىدار توغرا ئۇچۇر ‏ ۋە خەۋەرلەرنى ۋاقىتدا يەتكۈزۈش ئارقىلىق خەلقىمىزنى توغرا ۋە ھەققانىيەتكە يۈزلەندۈرۈش.

 7- ياشلارنىڭ بىلىم ‏- سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىشى ئوقۇ ‏- ئوقۇتۇش ۋە تەلىم ‏- تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاش.

  • ياۋروپاشەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن نۇقتىلار بويىچە غايە   مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.
  • – جەمئىيەتنىڭ  خىزمەتلىرى:

ياۋروپاشەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى گوللاندىيەدە2009– يىل دىن 2013 – يىلغىچە بىر تەرەپتىن ۋەتەنداشلارئۇچۇن گوللاندىيەنىڭ پەرقلىق شەھەرلىردە چوڭ كىچىك بولۇپ جەمئى 60 تىن ئارتۇق يىغىن- پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولسا، يانابىرتەرەپتىن 2010-09 ئايدىن باشلاپ گوللاندىيە نىڭ خاۋدا شەھىرىدە مائارىپ خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن ، ۋە شۇنداقلا خىلمۇ خىل تەشكىلاتلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ گوللاندىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا خەلقارالىق يىغىن ۋە كونفىرانسلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق ۋەتەن داۋاسىنى ئاڭلىتىپ كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى قولغاكەلتۇردى.

ياۋروپاشەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى نىڭ خىزمىتى كەڭىيىىشى ۋە گوللاندىيە دىكى ۋەتەنداشلار نىڭ ئىھتىياجى سەۋەبىدىن 2012 يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 27 كىچىسى گوللاندىيە دىكى كوپ ساندىكى ۋەتەنداشلار نىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئورۇن كىرالاش خىزمىتىنى ئوز ئۇستىگە ئېلىپ پىداكار سەمىمى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە 2013 يىلى -01-01 كۇنىدىن ئىتىبارەن گوللاندىيە نىڭ جۇغراپى جەھەتتە ئوتتىرسىغا جايلاشقان زايست شەھەرىدە كىرالىق بىر   بىنادا   تەلىم تەربىيە ، ھەيت بايراملار ،لىكسىيەلەر ، ‘ئىفتارلىك پالىيەتلىرىى  ، داۋا ھەققىدە ئوچۇق ۋە يېپىق يىغىنلار ۋە  ساناقسىز خىلمۇ خىل بولغان  پالىيەتلەرنى ئىزچىل داۋملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.  

  • جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى:

ياۋروپاشەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 8 كىشلىك ئىدارە ھەيئەتى ۋە ئىستىشارە ھەيئەت ۋە يۇزلەرچە ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ  قۇرۇلغاندىن بىرى بىر تەرەپتىن سىياسى ۋە ئىجتىمائى پالىيەتلەردە خىزمەت قىلغان بولسا، يانا بىر تەرەپتىن تەلىم تەربىيە خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ،خىزمەت دائىرلىرىنى كېڭەيتىپ كەلمەكتە.

جەمئىيەت، يېقىنقى يىللارغا قەدەر، كىرالىق بىنادا خىزمەتلىرنى داۋام قىلغان بولۇپ، 2019 يىلى 06-07 كۇنى، جانابى ئاللاھ نىڭ پەزلى مەرھىمىتى ، ۋە جەمئىيەت مەنسۇپلىرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن خەلقىمىزنىڭ خىزمەتلىرى ئۇچۇن مۇستەقىل بىر بىنا سېتىپ ئېلىندى! ۋە شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ، ياشلار بولۈمى، مائارىپ- تەلىم تەربىيە بۆلۈمى. ، ئىقتىساد ۋە مالىيە بۆلۈمى، دەۋەت -ئىجتىمائى خىزمەتلەر بۆلۈمى،ۋە تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاياللار بولىمى قاتارلىق بۆلۈملەر قۇرۇلۈپ بۇ بۆلۈملەر ئۆز ساھەلىردە ئايرىم – ئايرىم  خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە !.

1- ياشلار بولۈمى:

مۇھاجىرەتتە ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان ياشلىرىمىز بىلەن ئىزچىل ۋە ياخشى ئالاقە ئورنۇتۇپ، ئورپىمىزگە ۋە دىينىمىزگە مۇناسىپ كىلىدىغان جەلپكار پالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق  ۋەتەن مىللەتكە جان جىنى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان ئىزباسارلارنى يىتىشتۈرىدۇ .   

2-ئىقتىساد ۋە مالىيە بۆلۈمى:

مالىيه بۆلۈمى ئۇچ كىشىدىن تەركىپ تاپىدۇ 🙁 1: كىرىم مەسئۇلى 2 : سىاندۇق مەسئۇلى 3: چىقىم مەسئۇلى) ته شكىلاتنىڭ جان تومۇرى بولغان بۇ خىزمه تلەر، تەقسىم قىلىنىغان بولۇپ  سىاندۇق مەسئۇلى ئىقتىساتنى كونتۇرۇل قىلىدۇ ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم ئىدارە ھەيئەتكە ته شكىلاتنىڭ ھىساۋاتىنى ئاڭلىتىدۇ، چىقىم مەسئۇلى شەرت شارائىتنى كوزدە تۇتۇپ ئىقتىساتنى شەڧڧاڧ ھالدا ۋە يەرلىك ھوكۇمەتنىڭ تۇزۇمىگە لايىق ئىشلەش بىلەن بىرگە، ئىقتىساتنى تەسەررۇپ قىلىشتا مۇقىم چىقىملاردىن ئارتۇق چىقىمللارنى ھەيئەتنىڭ قارارىغا ئاساسەن چىقىم قىلىدۇ، جىددى ھالەتلەردە رئىس نىڭ ۋەچىقىم مەسئۇلى نىڭ تەستىقى بىلەن خىراجەت قىلىنىدۇ، كىرىم مەسئۇلى ته شكىلاتنى ئىختىزادى جەھه تتىن كۈچله ندۈرۈش يوللىرى ھه ققىده ئوبيېكتىپ خىزمه تله رگه يېته كچىلىك قىلىدۇ

3-دەۋەت -ئىجتىمائى خىزمەتلەر بۆلۈمى:

دەۋەت – ئىجتىمائى خىزمەتلەر بۆلۈمى،خه لقىمىزنىڭ ئېتىقات ۋە ئىبادەت مه سىلىلىرىدە ئىسلام دنىمىزدىكى ئەھلى سۇننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ  يېته كچىلىك قىلىدىغان بولۇپ  ، خه لقىمىزنىڭ پەرزەنتىلىرگە ئىسىم قويۇشتىن باشلاپ تااا جىنازە ئىشلىرغىچە ۋە دەۋەت خىزمەتلىرىنى كۇچەيتىپ  مىللەتنىڭ كىملىكىنى قوغداشتا ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە ئىزچىل ھەركەت قىلىدۇ.

4-تەشۋىقات بۆلۈمى:

جەمئىيىتىمىزنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى جەمئىيەتنىڭ رەسمى تور سەھىپىسى ۋە ئۇيغۇرچە ،گوللاندىيە. ئەرەپچە ، تۇركچە، فېسبوك ، تىۋىتتىر ، ئىنىستغرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە  خەلقىمىزگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە توغرىنى ئاڭلىتىش، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش. ئاخبارات ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنى پاش قىلىش ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

5-ئاياللار بۆلۈمى:

مۇناسىپ پالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خانىم قىزلىرىمىز نىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئۆزگىچىلىكىنى، تىل، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ.

6-مائارىپ- تەلىم تەربىيە بۆلۈمى:

تەلىم تەربىيە بۆلۈمى مۇھاجىرەتت ياشاۋاتقان شەرقى تۇركىستانلىق ۋەتەنداشلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دىينى ۋە مىللى كىملىكلىرىنى ساقلاش ئۇچۇن سېستىملىق ھالدا ئىزچىل خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ،

ياۋروپاشەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەلىم – تەربىيە ساھەسىدە 2010يىلى 09 ئايدىن ئىتىبارەن خىزمەت باشلىغان، بۇ ئۇلۇغۋار خىزمەتنى ئۇزۇلدۇرمەي داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ گوللاندىيە نىڭ ھەرقانداق رايۇنلىردا 15 ئۇيغۇر پەرزەنتى بولسا شۇ يەرگە ئانا تىل سىنىپى ئېچىشنى قارار قىلىنپ جەمئىيەت بىناسىدا تەلىم تەربىيە ئېلىۋاتقان چوڭ كىچىك ئوقۇغۇچىلاردىن سىرىت، دەنھاخ،ھېلموند، سىليدىرىخت ،دەلفىت ،قاتارلىق شەھەرلەردە، ئانا تىل ۋە قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش كۇرس لىرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ،گوللاندىيە دە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ كەلمەكتە.

  • جەمئىيەتنىڭ مەركىزى گوللاندىيە نىڭ زايست شەھىرىدە، جەمئىيەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مۇستەقىل بىر بىناغا يەرلەشكەن بولۇپ بۇ ئورۇندا ھەر خىل ساھە ۋە تۈرلەدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
  • Van renenweg 163 3702 SJ Zeist Nederland
  • جەمئىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ، نۇغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۇزۇن مۇساپىلارنى بېسىپ ،بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە گوللاندىيەدە چوڭ بىر تەشكىلات بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى.  ئەلۋەتتە بۇ، پۈتۈن سەپداشلارنىڭ ئىخلاسمەنلىك ۋە سەمىمىيىلىك بىلەن قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەر. ئالدىمىزدا  يېڭىلىقلار ۋە ئوزگۇرۇشلەر بىزلەرنى كۇتۇپ تۇرغانلىقى رىياللىق،   خىزمەت –توغرىسىدا يېڭى پىلانلارنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۇرۇپ غايە نىشانلىرىمىزغا يىتىش ئۈچۈن تىرىششىمىز لازىم بولىدۇ. خىزمەتلەرنى ئورتاق قىلىش، ھەمكارلىشىش قول تۇتۇشۇپ مېڭىش، جامائەت بولۇپ ياشاش يەنىلا ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى. ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە: ئاللاھنىڭ ئارغامسىچىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار! دىگەن ئايىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى جامائەتلىشىشكە بۇيرىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ھەقتە تەلىمات بېرىپ، ئاللاھ جامائەت بىلەن بىرگە دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە، جامائەتلىشىڭلار بۆلۈنمەڭلار دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەشھۇر ھېكمەتلىك بىر سۆزى بار،، جامائەتسىز ئىسلام بولمايدۇ. باشلىقسىز جامائەت بولمايدۇ، ئىتائەتسىزلىك بىلەن باشلىق بولمايدۇ. جامائەتلىشىشنىڭ ھېكمەتلىرى كۆپ، جامائەتلىشىش بىلەن كۈچ ھاسىل بولىدۇ، بەركەت ۋە غەلىبە جامائەتكە خاس بولىدۇ.

ياۋروپا شەرقى تۇركىستان مائارىپ جەمئىيىتى