//ۋاڭ خىتايغا قارشى نامايىش

ۋاڭ خىتايغا قارشى نامايىش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 2020-08-26-چېسلا ، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى بىناسىدا زىيارەتتە بولىۋاتقان پەيتتە نامايىش ئۆتكۇزۇلدى . بۇ زىيارەتتە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ، خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدىكەن .
نامايىشچىلار گوللاندىيە دىن ، خىتايلارنىڭ گىپىگە ماقۇل دىمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى .
خەۋەر تۇيۇقسىز بولغاچقا ،ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇشقا ئىمكان بولمىغان بولىسىمۇ گوللاندىيەدىكى كەڭ ئوتيۈرەك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىميىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ خىتايغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىپ ،بۇ قېتىمقى رەزىل مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇزماسلىق ئۈچۈن 100 دىن ئاتۇق كىشى نامايىشقا قاتناشتى .