//2018 يىلى -12-19 زايست شەھەر باشلىقى جەمىتىمىزنى زىيارەت قىلدى
شەھەر باشلىقى جەمىيەتنى زىيارەت قىلغاندا

2018 يىلى -12-19 زايست شەھەر باشلىقى جەمىتىمىزنى زىيارەت قىلدى

ەمىيىتىمىز خەۋەرلىرى:

     19- دىكابىر، جەمىيىتىمىز تۇرۇشلۇق شەھەر زەيىستنىڭ شەھەر باشلىقى ۋە ياردەمچىسى جەمىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى، جەمىيىتىمىز مەسئۇللىرى ئۇلارنى كۈتىۋالدى. ئىككى سائەتلىك سۆھبەت جەريانىدا، شەھەر باشلىقىغا گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتى، جەمىيىتىمىز كەلگۈسى پىلانلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ۋەتىنىمىزدىكى قاباھەتلىك ۋەزىيەتلەردىن خەۋەردار قىلدۇق.  شەھەر باشلىقى بۇ قىتىملىق زىيارىتىدىن ئىنتايىن مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە  جەمىيىتىمىزدە كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت بولسا مىھمان بولۇپ، گوللاندىيەدىكى ئومومىي ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈش، سۆھبەت، لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  ئەھمەدجان پىدائى قىرىندىشىمىز مىھمانلارغا دۇتتارنى تەڭكەش قىلىپ ۋەتەن دەردىنى غەزەل بىلەن ئاڭلاتتى، جەمىيىتىمىز ئۇلارغا بادام دوپپا سوۋغا قىلدى. 

ھۆرمەت بىلەن: ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى
2018- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى