تەشكىلاتىمىزغا قوشۇلماقچى بولسىڭىز

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تىل تاللاڭ

ئىئانە ۋە ئەزالىق

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى

«ماشىنىنىڭ كۆزى»: شەرقىي تۈركىستان زۇلۇمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىم IDFA فېستىۋالىدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى

«ماشىنىنىڭ كۆزى»: شەرقىي تۈركىستان زۇلۇمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىم IDFA فېستىۋالىدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى

17-نويابىر  گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا،  شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن «ماشىنىنىڭ كۆزى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق. 

دايا كاھېن رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ فىلىمدە  جازا  لاگېرى (Daya Cahen) گۇۋاھچىسى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ  كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن خىتتاينىڭ  جازا لاگېرلىرىدا پىلانلىق  يۈرگۈزگەن  زۇلۇم-سىتەملىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئۈچ يىللىق ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن بۇ ئەسەر پەقەت بىر شەخسى  گۇۋاھلىق  بولۇپلا قالماستىن، بەلكى  مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نىداسى بولالايدىغان  سۈپەتلىك ئەسەر ھېسابلىنىدىغان بولۇپ،  فىلىمدە  قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ   لاگېردا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلىرى  ئەينەن  جانلاندۇرۇلغان. 

بىز  ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى  بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىشلىنىش جەريانىنى قولىمىزدىن كېلىشىچە  قوللىدۇق. شۇنداقلا،  گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار  بىلەن بىللە ئالدىن كۆرۈشكە قاتناشتۇق. پائالىيەت  ئاخىرىدا  بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن دايا كاھېنغا سوۋغاتلىرىمىزنى تەقدىم قىلىپ  مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردۇق.

"ماشىنىنىڭ كۆزى ناملىق"  بۇ فىلىمنى پات يېقىندا  گوللاندىيەدىكى بارلىق كىنوخانىلاردا قويۇش بىلەن بىرگە  خەلقئارادىمۇ  تارقىتىش پىلانىلىنىلىۋاتىدۇ.  بۇ ئەسەر ئامىستردام  IDFA - خەلقئارا ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى تەرىپىدىن رەسمىي تاللاشقا كىرگۈزۈلۈپ،  ئەڭ ياخشى گوللاندىيە كىنو مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.
 



 

ئىزدەش

يېقىنقى يازمىلار

يېقىنقى يازمىلار تېپىلمىدى.

سەھىپىلەر

  • ھېچقانداق تۈر تېپىلمىدى.

تېخىمۇ كۆپ بىلوگ

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، قۇربان ھېيتلىق ھېيتلىشىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق.

2026-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى, ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، قۇربان ھېيتلىق ھېيتلىشىش…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر يەرمەنكىسىگە تەكلىپ

ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر يەرمەنكىسىگە تەكلىپ!ئەزىز قېرىنداشلار ۋە دوستلار،مەدەنىيەت مىراسىمىزنى قوغداش ۋە ئ…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى خەلقئارا دېموكراتلار ئىتتىپاقى (UID) نىڭ ئىپتار پروگراممىسىغا قاتناشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن (UID) خەلقئارا دېموكراتلار ئىتت…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ