تەشكىلاتىمىزغا قوشۇلماقچى بولسىڭىز

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تىل تاللاڭ

ئىئانە ۋە ئەزالىق

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى

گوللاندىيەدىكى سىياسەتچىلەر ۋە جەمئىيەت رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئىپتار داستىخىنىدا جەم بولدى

گوللاندىيەدىكى سىياسەتچىلەر ۋە جەمئىيەت رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئىپتار داستىخىنىدا جەم بولدى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 1-مارت يەكشەنبە كۈنى گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان جەمئىيەت رەئىسلىرى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، تاراتقۇ قۇرۇلۇشلىرى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم بولغان ئەھمىيەتلىك بىر ئىپتار پىروگراممىسى ئۆتكۈزدۇق.

بۇ پىروگرامما قېرىنداشلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن زور بىر پۇرسەت ياراتتى.

پائالىيىتىمىزگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلىرىمىزدىن:

• جويس لانگېناكىر (Joyce Langenacker) – زېيست (Zeist) شەھەر باشلىقى

• ستېفان ۋان بارلې (Stephan van Baarle) – DENK پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت گۇرۇپپا رەئىسى

• مۇستافا ئاكتالان (Mustafa Aktalan) – IGMG جەنۇبىي گوللاندىيە رايونى رەئىسى

• پروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈل (Prof. Dr. Kudret Bülbül) – ئىلمىي جەمئيەت ئەزاسى

شۇنداقلا، دىيانەت ۋەقفى ۋە نۇرغۇنلىغان جەمئىيەت رەئىسلىرى ھەم ۋەكىللىرى پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلدى.

جەمئىيىتىمىز سۈپىتىدە ئىجتىمائىي بىرلىك، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قىممەت قاراشلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدۇق. قاتناشقان بارلىق مېھمانلىرىمىزغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز.

ئاللاھ بىرلىكىمىزنى خەيىرلىك قىلسۇن، ئىتتىپاقلىق ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ پائالىيەتلەردە كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

ئىزدەش

يېقىنقى يازمىلار

يېقىنقى يازمىلار تېپىلمىدى.

سەھىپىلەر

  • ھېچقانداق تۈر تېپىلمىدى.

تېخىمۇ كۆپ بىلوگ

رامىزاننىڭ تۇنجى ئىپتار خۇشاللىقى: جەمئىيىتىمىزدە قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن بەرىكەتلىك داستىخانلار قۇرۇلدى.

مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن جەمئىيىتىمىز تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەپتىلىك ئىپتار پىروگرام…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدىن «قۇشاقتان قۇشاغا» ۋەقفىگە ئەھمىيەتلىك زىيارەت

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئيىتى نامىدىن قۇشاقتان قۇشاغا ۋەقپىغا ئەھمىيەتلىك زىيارەت ئېلىپ…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

مەدەنىيەت ۋە ئىتتىپاقلىق جىلۋىسى: 11-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مىللىي يەرمەنكىسى زور مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2025-يىلى 11-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە 11-نۆ…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ