تەشكىلاتىمىزغا قوشۇلماقچى بولسىڭىز

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تىل تاللاڭ

ئىئانە ۋە ئەزالىق

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى

«5-ئاپرېل بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 36 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامستېردامدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

«5-ئاپرېل بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 36 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامستېردامدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى



ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 1990-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئاپرېل بارىن قىرغىنچىلىقى»نىڭ 36 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش مەقسىتىدە كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئېلىپ باردۇق.

پائالىيىتىمىز ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىلەن باشلاندى. بۇ يەردە خىتاي رېجىمىنىڭ بارىندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى ۋە بۈگۈنكى كۈندە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلىگەن ئاساستا نامايىش ئېلىپ باردۇق.

پائالىيەتنىڭ داۋامىدا جەمئىيەت مەركىزىمىزدە جەم بولۇپ، قىممەتلىك مېھمانلىرىمىزنىڭ بارىن ئىنقىلابىنىڭ مىللىي ئويغىنىشىمىزدىكى ئورنىنى چۈشەندۈرىدىغان سۆزلىرى ۋە لېكسىيەلىرى ئارقىلىق، شېھىتلىرىمىزنىڭ ئەزىز روھىنى ۋە بىزگە قالدۇرغان قەھرىمانلىق مىراسلىرىنى دۇئالار بىلەن ئەسلىدۇق.

بۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە يەنە، جازا لاگېرلىرىدىكى زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان جەسۇر لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنى كۈتۈۋالدۇق. قەلبىنۇر خانىمنىڭ لاگېر كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ دەۋايىمىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىممەتلىك خىزمەتلىرى ۋە جەسۇرلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جەمئىيىتىمىز نامىدىن سوۋغىمىزنى تەقدىم قىلدۇق.

 

ئىزدەش

يېقىنقى يازمىلار

يېقىنقى يازمىلار تېپىلمىدى.

سەھىپىلەر

  • ھېچقانداق تۈر تېپىلمىدى.

تېخىمۇ كۆپ بىلوگ

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى خەلقئارا دېموكراتلار ئىتتىپاقى (UID) نىڭ ئىپتار پروگراممىسىغا قاتناشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن (UID) خەلقئارا دېموكراتلار ئىتت…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ستېفان ۋان بارلې بىلەن كۆرۈشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى نامىدىن، دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك ستېفا…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

گوللاندىيەدە قوش جۇمھۇرىيەت بايرىمى خاتىرىلەندى

11-ئاينىڭ 9-كۈنى گوللاندىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرلە…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ