تەشكىلاتىمىزغا قوشۇلماقچى بولسىڭىز

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تىل تاللاڭ

ئىئانە ۋە ئەزالىق

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ستېفان ۋان بارلې بىلەن كۆرۈشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ستېفان ۋان بارلې بىلەن كۆرۈشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى نامىدىن، دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك ستېفان ۋان بارلې (Stephan van Baarle) ئەپەندى بىلەن ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ۋە ئۈنۈملۈك بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش نېسىپ بولدى.

ئۇچرىشىش جەريانىدا، 2021-يىلىدىن بۇيان گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دائىر قوبۇل قىلىنغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنىپ، تېخى تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەن ماددىلار ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاش ۋە قوغداش ئۈچۈن كەلگۈسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر، شۇنداقلا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى زۆرۈر بولغان قارارلار ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتۇق.

بۇ ئۇچرىشىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ گوللاندىيەدىكى سىياسىي سەھنىلەردە ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپتە تۇرىشى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىلىشى جەھەتتە مۇھىم 

ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىزنى سەمىمىي قوبۇل قىلغان، خەلقىمىزنىڭ دەرد-ئاھىغا قۇلاق سالغان ۋە دەۋايىمىزغا بولغان دىققىتىنى بىلدۈرگەن ھۆرمەتلىك ستېفان ۋان بارلې ئەپەندىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. قىزغىن مېھماندوستلۇقى ۋە سەمىمىي قوللىشى ئۈچۈن چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

 

ئىزدەش

يېقىنقى يازمىلار

يېقىنقى يازمىلار تېپىلمىدى.

سەھىپىلەر

  • ھېچقانداق تۈر تېپىلمىدى.

تېخىمۇ كۆپ بىلوگ

ئاياللارنىڭ ناشتىلىق يىغىلىشى ۋە مۆھتەرەم ئۇستازلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قىزغىن ئۇچرىشىش

25-يانۋار، يەكشەنبە كۈنى، بىز ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىككى خىل پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق. تۇنجى پائال…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ئۆتكۈزۈلدى مائارىپ جەمئىيىتى مەسئۇللىرى بىلەن يىللىق خىزمەت دوكلاتى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى

4-يانۋار يەكشەنبە كۈنى مەركىزىمىزدە يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. يىغىندا 2025-يىلى ئېلىپ بېرىل…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

گوللاندىيەدە قوش جۇمھۇرىيەت بايرىمى خاتىرىلەندى

11-ئاينىڭ 9-كۈنى گوللاندىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرلە…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ