تەشكىلاتىمىزغا قوشۇلماقچى بولسىڭىز

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تىل تاللاڭ

ئىئانە ۋە ئەزالىق

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ستېفان ۋان بارلې بىلەن كۆرۈشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ستېفان ۋان بارلې بىلەن كۆرۈشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى نامىدىن، دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك ستېفان ۋان بارلې (Stephan van Baarle) ئەپەندى بىلەن ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ۋە ئۈنۈملۈك بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش نېسىپ بولدى.

ئۇچرىشىش جەريانىدا، 2021-يىلىدىن بۇيان گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دائىر قوبۇل قىلىنغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنىپ، تېخى تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەن ماددىلار ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاش ۋە قوغداش ئۈچۈن كەلگۈسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر، شۇنداقلا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى زۆرۈر بولغان قارارلار ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتۇق.

بۇ ئۇچرىشىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ گوللاندىيەدىكى سىياسىي سەھنىلەردە ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپتە تۇرىشى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىلىشى جەھەتتە مۇھىم 

ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىزنى سەمىمىي قوبۇل قىلغان، خەلقىمىزنىڭ دەرد-ئاھىغا قۇلاق سالغان ۋە دەۋايىمىزغا بولغان دىققىتىنى بىلدۈرگەن ھۆرمەتلىك ستېفان ۋان بارلې ئەپەندىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. قىزغىن مېھماندوستلۇقى ۋە سەمىمىي قوللىشى ئۈچۈن چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

 

ئىزدەش

يېقىنقى يازمىلار

يېقىنقى يازمىلار تېپىلمىدى.

سەھىپىلەر

  • ھېچقانداق تۈر تېپىلمىدى.

تېخىمۇ كۆپ بىلوگ

رامىزاننىڭ تۇنجى ئىپتار خۇشاللىقى: جەمئىيىتىمىزدە قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن بەرىكەتلىك داستىخانلار قۇرۇلدى.

مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن جەمئىيىتىمىز تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەپتىلىك ئىپتار پىروگرام…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى «پلاتفورما» ۋە «ئاياللار ژۇرنىلى» مەركىزىدە مىننەتدارلىق زىيارىتىدە بولدى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى «پلاتفورما» ۋە «ئاياللار ژۇرنىلى» مەركىزىدە مىننەتدارلىق…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ي . ش . ت . مائارىپ جەمئىيىتى ياشلار شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئىززەت-ھۆرمەت يولى» تەربىيەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

14-فېۋرال زېيستتىكى مەركىزىمىزدە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ياشلار شۆبىسى تەرى…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ