تەشكىلاتىمىزغا قوشۇلماقچى بولسىڭىز

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تىل تاللاڭ

ئىئانە ۋە ئەزالىق

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ستېفان ۋان بارلې بىلەن كۆرۈشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ستېفان ۋان بارلې بىلەن كۆرۈشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى نامىدىن، دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك ستېفان ۋان بارلې (Stephan van Baarle) ئەپەندى بىلەن ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ۋە ئۈنۈملۈك بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش نېسىپ بولدى.

ئۇچرىشىش جەريانىدا، 2021-يىلىدىن بۇيان گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دائىر قوبۇل قىلىنغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنىپ، تېخى تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەن ماددىلار ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاش ۋە قوغداش ئۈچۈن كەلگۈسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر، شۇنداقلا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى زۆرۈر بولغان قارارلار ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتۇق.

بۇ ئۇچرىشىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ گوللاندىيەدىكى سىياسىي سەھنىلەردە ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپتە تۇرىشى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىلىشى جەھەتتە مۇھىم 

ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىزنى سەمىمىي قوبۇل قىلغان، خەلقىمىزنىڭ دەرد-ئاھىغا قۇلاق سالغان ۋە دەۋايىمىزغا بولغان دىققىتىنى بىلدۈرگەن ھۆرمەتلىك ستېفان ۋان بارلې ئەپەندىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. قىزغىن مېھماندوستلۇقى ۋە سەمىمىي قوللىشى ئۈچۈن چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

 

ئىزدەش

يېقىنقى يازمىلار

يېقىنقى يازمىلار تېپىلمىدى.

سەھىپىلەر

  • ھېچقانداق تۈر تېپىلمىدى.

تېخىمۇ كۆپ بىلوگ

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ پەسىللىك ئىدارە ۋە ئىستىشارە ھەيئەت يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ پەسىللىك ئىدارە ۋە ئىستىشارە ھەيئەت يىغىنى مۇۋەپپەقىي…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مۈسىئاد (MÜSİAD) گوللاندىيەنىڭ 2026-يىللىق يېڭى يىل پائالىيىتىگە قاتناشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مۈسىئاد (MÜSİAD) گوللاندىيەنىڭ 2026-يىللىق يېڭى يىل پائا…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ

ئىككى كۈنلۈك يەرمەنكىمىز ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتى

ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئىككى كۈنلۈك يەرمەنكىمىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىۋالدۇق. يەرمەنكىن…

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ